پۇتىن رۇسىيەگە «يۇقىرى باھا چېكى» قويغان دۆلەتلەرگە نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى سېتىشنى چەكلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەرمان چۈشۈرۈپ، غەربنىڭ رۇسىيە نېفىتىغا يۇقىرى باھا ئۆلچىمى قويۇش قارارىغا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرگە نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى مەنئى قىلدى.

1924525
پۇتىن رۇسىيەگە «يۇقىرى باھا چېكى» قويغان دۆلەتلەرگە نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى سېتىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەرمان چۈشۈرۈپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى 60 دوللار قىلىپ بېكىتىشىگە قارشى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

يۇقىرى باھا چېكى جازاسىغا ئاۋاز قوشقان شەخس ۋە شىركەتلەرگە نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى چەكلەش پەرمانىغا ئاساسەن، رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغۇچىلار يۇقىرى باھا ياكى باشقا بىر يۇقىرى باھا مېخانىزمىنى ئىشقا سالسا، ئۇلار نېفىت بىلەن تەمىنلەنمەيدىكەن.

نېفىت بىلەن تەمىنلەش چەكلىمىسىنىڭ 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان پەرماندا، غەربنىڭ يۇقىرى باھا چېكى جازاسىغا ئاۋاز قوشقانلارغا پەقەت پۇتىننىڭ ئالاھىدە رۇخسىتىگە ئاساسەن نېفىت ئەۋەتىشكە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 2 – دېكابىردا (2022) رۇسىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان نېفىتىغا يۇقىرى باھا چېكى قويۇپ، باھانىڭ 60 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك 23-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا يۇقىرى باھا چېكى قويۇش قارارىغا ئاۋاز قوشقانلارغا نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بەرمەيدىغانلىقلىرىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى %5  بىلەن %7 ئارىلىقىدا قىسقارتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر