دۆنمەز: شىرناقتىكى بايقاش قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بايقاشلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، شىرناقتا بايقالغان نېفىتنىڭ يېقىندىن بۇيانقى قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بايقاشلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1915793
دۆنمەز: شىرناقتىكى بايقاش قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بايقاشلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاتىھ دۆنمەز بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، شىرناقتىكى نېفىت چارلاش خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان رايوندىكى تەكشۈرۈش – چارلاش خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىر ئەسكەرلىرىمىز تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغان رايونلاردا تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاشلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى.

«شىرناقنىڭ گابار تېغى ۋە ئەتراپىدىكى تۆت قۇدۇقتا ھازىرقى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1200-1300 ۋارىل ئەتراپىدا» دېگەن دۆنمەز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نىشانىمىز ئۇ يەردىكى قۇدۇق سانىنى 10 ۋە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇش» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر دۆنمەز، گابار تېغىنىڭ باشقا بىر يېرىدىكى چارلاش خىزمەتلىرىنىڭمۇ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يېقىندىن بۇيانقى قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بايقاشلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇنى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىمىز» دېدى.

ئۇ، نېفىت زاپىسىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شىرناقتىكى نېفىت چارلاش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر