7 – گ گۇرۇھى بىلەن ئاۋىستىرالىيە نېفىت باھاسى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىن 7 – گ گۇرۇھى ئەزالىرى بىلەن ئاۋىستىرالىيەمۇ رۇسىيەدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ 60 دوللار بولۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
1914250
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 7 – گ گۇرۇھى ئەزاسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ 60 دوللار بولۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ قارار ئارقىلىق 7 – گ گۇرۇھى دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى پايدا مەنبەلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە قارىتا ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ئارقىلىق ۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا بازارلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ بەلگىلىمە 5 – دېكابىر كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىكەن.