ئىران ئەتكەس نېفىت قاچىلانغان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى

ئىران پارس قولتۇقىدا «ئەتكەس يېقىلغۇ» قاچىلانغان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى.

1888763
ئىران ئەتكەس نېفىت قاچىلانغان بىر پاراخوتنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — تەسنىم، ھورمۇزگان ئۆلكىسى ئەدلىيە مەھكىمىسى باشلىقى مۇقتەبا قاھرامانىنىڭ بايانات بېرىپ، پارس قولتۇقىدىكى ئەتكەس يېقىلغۇ قاچىلانغان بىر پاراخوتنىڭ توختىتىلىپ تەكشۈرۈلۈپ، 250 مىڭ لىتىر ئەتكەس يېقىلغۇنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران ئەتكەسچىلىرى دۆلەت تولۇقلىما سۈپىتىدە بەرگەن يېقىلغۇ مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە سېتىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر