تۈركىيە 99 دۆلەتكە قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتى 2021-2022 – يىللىق ھۇسۇل پەسلىدە 252 مىڭ 354 توننىغا يەتتى.

1881326
تۈركىيە 99 دۆلەتكە قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورتى 2021-2022 – يىللىق ھۇسۇل پەسلىدە 252 مىڭ 354 توننىغا يەتتى.

ئەگە ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2021-2022-يىللىرى 99 دۆلەتكە ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلىنغان.

تۈركىيە 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان جەرياندا 252 مىڭ 354 توننا قۇرۇق ئۈزۈم ئېكسپورت قىلىپ، مىقدار جەھەتتە ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا %13 ئاشقان، ئېكسپورت قىممىتى %3 ئېشىپ، 441 مىليون 862 مىڭ دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر