خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: قاتتىق سوغۇق ياۋروپادا ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) رەئىسى كىرىستالىنا گېئورگىيېۋا، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1880241
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: قاتتىق سوغۇق ياۋروپادا ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) رەئىسى كىرىستالىنا گېئورگىيېۋا، ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سوغۇق بىر قىشنىڭ ياۋروپادا ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كرىستالىنا گېئورگىيېۋا فىرانسىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى فىرانسۇا ۋىللېروي دې گالخاۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «2022 – يىللىق مىشېل كامدېس مەركىزى بانكىچىلىك دەرسى» پائالىيىتىدىكى سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ «قورقۇنچلۇق» ئىقتىسادىي ئاقىۋەتلىرىنىڭ ياۋروپاغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىش ئەندىشىسىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەگەر تەبىئەت ئانا ھەمكارلاشماسلىقنى قارار قىلسا، قىش ھەقىقەتەن قاتتىق سوغۇق بولسا، بۇ بىر قىسىم ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، بۇ زەربىنىڭ بىرىنچىسىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى، ئىككىنچىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە پۇل پاخاللىقىنىڭ جاھىل خاراكتېرلىك ۋە مۆلچەردىكىدىنمۇ كەڭ دائىرىلىك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەركىزىي بانكىلارنىڭمۇ پۇل پاخاللىقىغا قارشى كۈرەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر