ياۋروپا ئىتتىپاقى تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى ئازايتىش پىلانىنى قوبۇل قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك باشقارمىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى% 15 ئازايتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
1859682
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى چېخىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆتەۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك باشقارمىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە بېقىندىلىقنى ئازايتىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈچۈن تەبىئىي گاز ئىستېمالىنى% 15 ئازايتىش پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك باشقارمىسىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىرلار ئالدىمىزدىكى قىشتىن بۇرۇن تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىياسىي ئاساستا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»
مەزكۇر پىلان، ئىسپانىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگىرىيە ۋە پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.