پۇتىن بىلەن سەلمان دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن دۇنيا نېفىت بازىرىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

1858015
پۇتىن بىلەن سەلمان دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل  بايانات بېرىپ، پۇتىن بىلەن سەلماننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ «مۇناسىۋەتلەردە ھاسىل قىلىنغان دوستلۇق دەرىجىسى»گە ئىجابىي باھا بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى— ئوپېك سىرتىدىكى بىر قىسىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن سۆھبەت جەريانىدا يەنە، بۇ كاتېگورىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى ئىزچىل ئادا قىلىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر