تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلىۋاتقان ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلىۋاتقان ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %21 ئېشىپ، 23 مىليارد 780 مىليون 323 مىڭ دوللارغا يەتتى.
1810523
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى (TIM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى 2022-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە %20.8 ئېشىپ، 60 مىليارد 287 مىليون دوللارغا يەتكەن.
بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت %21 ئېشىپ، 23 مىليارد 780 مىليون 323 مىڭ دوللارغا يەتكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە رەت بويىچە ئاپتوموبىل سانائىتى، تەييار كىيىم-كېچەك ۋە توقۇمىچىلىق، خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە مەھسۇلاتلار، تۆمۈر، تۆمۈر سىرتىدىكى مېتاللار ۋە پولات ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىنغان.
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا گېرمانىيەگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان.