تۈركىيە-گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 ھەسسە ئاشتى

تۈركىيە-گىرېتسىيە بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى (KEK) نىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى تۈركىيە مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى مۇستاپا تۇزجۇ ۋە گىرېتسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوستانتىنوس فرانگوياننىسنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە ئافىنادا ئۆتكۈزۈلدى.

1767752
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 3 ھەسسە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە يازما باياناتتا، 2021-يىلى تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىيىشىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى ئۈچۈن بۇ يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيەتلىك رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئىمزالانغان تۈركىيە-گىرېتسىيە بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى (KEK) 5-نۆۋەتلىك ئەھدىنامىسىغا، ھەر قايسى ئۇچرىشىشلاردا مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋەتلىرى، ئۆز-ئارا سېلىنمىلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان كۈنتەرتىپتىكى سودا تېمىلىرى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، ساياھەت، دېھقانچىلىق، تاموژنا، قاتناش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرى يارىتىش مەسىلىلىرى كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %69.2 ئېشىپ، 5 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يەتتى.

تۈركىيەنىڭ گرېتسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى 2021-يىلى %73.3 ئاشتى. تۈركىيەنىڭ سودا ئاكتىپ بالانسى بولسا، تەخمىنەن 1 مىليارد دوللارغا يەتتى. 2005-يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى ئۈچ ھەسسە ئاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر