بۇ يىل تۈركىيەنىڭ پىستە ئېكىسپورتىدا ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە خىتاي ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى

2021-يىلى تۈركىيەنىڭ پىستە ئېكىسپورتى ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %76 ئېشىپ، 209 مىليون 686 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1766970
بۇ يىل تۈركىيەنىڭ پىستە ئېكىسپورتىدا ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە خىتاي ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى (GAİB) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى 118 مىليون 923 مىڭ دوللارلىق پىستە ئېكىسپورتى قىلىنغان. 2021-يىلى بولسا، ئېكسپورت نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىتۇرغاندا، %76 ئېشىپ، 209 مىليون 686 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئۆتكەن يىلى ئىتالىيە، گېرمانىيە، خىتاي، كانادا، پورتۇگالىيە، مالايشىيا، مالتا، تەيۋەن، ماراكەش، ياپونىيە، مولدوۋا، ئەنگىلىيە، كۇبا ۋە رۇسىيە قاتارلىق 110 دۆلەتكە 20 مىڭ 322 توننا پىستە ئېكىسپورت قىلىنغان.

ئىتالىيە تۈركىيە ئەڭ كۆپ پىستە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ  ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئىتالىيەگە 50 مىليون 74 مىڭ دوللارلىق پىستە ئېكسپورت قىلغان.

تۈركىيە ئەڭ كۆپ پىستە ئېكسپورت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتالىيەدىن قالسىلا 33 مىليون 627 مىڭ دوللار بىلەن گېرمانىيە ئىككىنچى، 12 مىليون 839 مىڭ دوللار بىلەن خىتاي ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر