جىبران باسىل: لىۋاندىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى تۈركىيە ھەل قىلالايدۇ

لىۋان خىرىستىيان ئەركىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىبران باسىل، تۈركىيەنىڭ لىۋاننىڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەمچى بولالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1766023
جىبران باسىل: لىۋاندىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى تۈركىيە ھەل قىلالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت مىشېل ئەۋننىڭ كۈيئوغلى بولغان باسىل، تۈركىيە – لىۋان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز مەنپەئەت ئورتاقلىقىغا ئىگە بىر رايوندا ياشاۋاتىمىز. تۈركىيە شۇنداق بىر دۆلەتكى، بىز ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز كېرەك. دەرۋەقە، بىزنىڭ بۇ خىل مۇناسىۋىتىمىز بار، ئۇنى چوقۇم قوغدىشىمىز كېرەك. بۇ لىۋان ئۈچۈن ئىنتايىن ئىستراتېگىيەلىك (ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلە)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

لىۋاننىڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئېغىر ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ «قايتا ھاسىل بولىدىغان» ئېنېرگىيەدە كۆرۈنەرلىك تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن باسىل، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پىلانىمىز دائىرىسىدە، تۈركىيە بۇ (ئېنېرگىيە كىرىزىسى) مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ... توك ئىشلەپچىقىرىدىغان تۈرك پاراخوتلىرىنى لىۋانغا ئەكەلگەنىدۇق. ئىشلەپچىقىرىش سەرپىياتى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغانلىغىمۇ ئىشىنىمىز. لىۋاننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش رامكىسى جەھەتتە، تۈرك شىركەتلىرى باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە باشقا ساھەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداق، بىز ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر