تۈركىيە-پاراگۋاي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيەنىڭ پاراگۋاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە پاراگۋاينىڭ پايتەختى ئاسونسىيوندا «تۈركىيە-پاراگۋاي سودا ئۇيۇشمىسى» قۇرۇش قارار قىلىندى.

1729239
تۈركىيە-پاراگۋاي سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئاسونسىيون ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  پاراگۋاي سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى لۇئىس كاستىگلىئونى، تۈركىيەنىڭ ئاسونسىيوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەرھات ئاقسەن، پاراگۋاي سودا-سانائەتچىلىرى، پاراگۋاينىڭ ئىستانبۇلدىكى پەخرىي كونسۇلى ۋە سودا-سانائەتچى چىڭگىز دەۋەجى ۋە پاراگۋاي سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىراي قۇشنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا يىغىن چاقىرىلغان.

يىغىندا،  پاراگۋاينىڭ پايتەختى ئاسونسىيوندا «تۈركىيە-پاراگۋاي سودا ئۇيۇشمىسى» قۇرۇش قارارلاشتۇرۇلغان.

تۈركىيەنىڭ ئاسونسىيوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەرھات ئاقسەن، بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ پاراگۋاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى،  سودا مىقدارىنىڭ بۇ يىل بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىش مەقسىتىدە، پاراگۋاي سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش ئورگىنى REDIEX بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن  سودا ئۇيۇشمىسى قۇرۇش قارارلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى قارمىقىدا تۈركىيە-پاراگۋاي سودا كېڭىشى قۇرۇش پائالىيەتلىرى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر