مىنىستىر مۇش: تۈركىيە - ئافرىقا سودا ھەجىمى 25.3 مىليارد دوللارغا يەتتى

تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىشى، تۈركىيە- نىگېرىيە سودا – ئىقتىساد كېڭىشى بىلەن نىگېرىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ ئويۇشتۇرغان تۈركىيە – نىگېرىيە سودا مۇنبىرى نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئەبۇجادا ئۆتكۈزۈلدى.

1722958
مىنىستىر مۇش: تۈركىيە - ئافرىقا سودا ھەجىمى 25.3 مىليارد دوللارغا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ  2003- يىلىدىكى «ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىشى، تۈركىيە- نىگېرىيە سودا – ئىقتىساد كېڭىشى بىلەن نىگېرىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەمكارلىشىپ ئويۇشتۇرغان تۈركىيە – نىگېرىيە سودا مۇنبىرى نىگېرىيەنىڭ پايتەختى ئەبۇجادا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، نىگېرىيە سودا، سانائەت ۋە مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى ئوتۇنبا نىيى ئادىبايو، تۈركىيە تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت كېڭىشى باشلىقى نائىل ئولپاك ۋە نۇرغۇن سودا – سانائەتچى ئىشتىراك قىلدى.

مىنىستىر مۇش بۇ يەردىكى سۆزىدە، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ  2003- يىلىدىكى «ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «2003- يىلى تۈركىيە - ئافرىقا سودا سوممىسى 5 مىليارد 400 مىليون دوللار ئىدى،  2020 – يىلىغا كەلگەندە بۇ مىقدار 25 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئافرىقىغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ 2 مىليارد دوللاردىن 15 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مۇش، ئىمپورتنىڭ 3 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر مۇش، نىگېرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئالتىنچى چوڭ سودا ھەمراھى، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر