ئەردوغاننىڭ خۇش خەۋىرىگە دۇنيا تاراتقۇلىرى كەڭ ئورۇن بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارا دېڭىزدا بايقالغان تەبىئىي گاز زاپىسى توغرىسىدىكى خۇش خەۋىرى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ ئورۇن ئالدى.

1652110
ئەردوغاننىڭ خۇش خەۋىرىگە دۇنيا تاراتقۇلىرى كەڭ ئورۇن بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئەردوغاننىڭ خۇش خەۋىرىنى چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ: «ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا 135 مىليارد كۇب مېتىر زاپاس تەبىئىي گاز بايقىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەۋەرنى «تۈركىيە قارا دېڭىزدا تەبىئىي گاز بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قارا دېڭىزدا 405 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى تاپقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكانىڭ بىلۇمبېرگ قانىلى، ئەردوغان خۇش خەۋىرىنى «ئەردوغان قارا دېڭىزدا يېڭى تەبىئىي گاز بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى» دېگەن تېمىدا خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ Der Spiegel  خەۋەرلەر تورى، خۇش خەۋەرنى «ئەردوغان قارا دېڭىزدا يېڭى تەبىئىي گاز بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى» دېگەن تېما ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بايانلىرى بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنادىكى ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان خەۋەر تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوسلوبودجېنجې بۇ تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە: «ئەردوغان تۈركىيەنى گۈللەندۈردى: ئۇ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز بايقىشىغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

خەۋەردە، بۇلتۇر قارا دېڭىزدىن تېپىلغان 405 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازغا ئىشارەت  قىلىىپ، ئۇنىڭ «2020-يىلىنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بايقىشى» ئىكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر