ئامېرىكا پەلەستىنگە 125 مىليون دوللار ياردەم ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتىنىڭ  پەلەستىنگە 125 مىليون دوللار ياردەم ئەۋەتىش مەسىلىسىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1613460
ئامېرىكا پەلەستىنگە 125 مىليون دوللار ياردەم ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاساسلىقى دۆلەت مەجلىسىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان «‹The Hill› خەۋەرلەر تورى» نىڭ دۆلەت مەجلىسى مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، جو بايدىن ھۆكۈمىتى، دونالد ترامپ دەۋرىدە توڭلىتىپ قويۇلغان ياردەملەرنى قايتىدىن ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرمەكتە ئىكەن. بۇ دائىرىدە، بايدىن ھۆكۈمىتى، پەلەستىنگە 125 مىليون دوللار ياردەم ئەۋەتىش مەسىلىسىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنغان.

مەزكۇر ياردەمنىڭ كۆپ قىسمى، 2020 – يىللىق خامچوتتىن ئورۇن ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توڭلىتىپ قويۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ياردەمنىڭ 75 مىليون دوللارلىق قىسمى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ياخشىلاشتۇرۇلۇشى ھەم ئاساسلىق ئىنسانىي ئېھتىياجلارنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن، 40 مىليون دوللارلىق قىسمى، پەلەستىندىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى پىروگراممىسى ئۈچۈن، 10 مىليون دوللارلىق قىسمى بولسا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەلىشىش ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىدىكەن.

بايدىن ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم مەسىلىسىگە ئالاقىدار تىرىشچانلىقلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى ۋە ترامپ دەۋرىدە توڭلىتىپ قويۇلغان ياردەملەرنى پەلەستىنگە قايتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر