تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى
تۈرك تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)نىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.
1590304
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك كېڭىشى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىنتېرنېت مۇھىتىدا چاقىرىلغان 1 - نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ماددىلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تارماق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكى تەكىتلەندى.