تۈركىيە 23 دۆلەتكە قارادېڭىز سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا 23 دۆلەتكە 3 مىڭ 980 توننا سالمون بېلىقى ئېكسپورت قىلدى.
1589808
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارا دېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قارا دېڭىز سالمون بېلىقى ئېكسپورتى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا، 2127 توننا بېلىق ئېكسپورت قىلىپ 11 مىليون 454 مىڭ 937 دوللار كىرىم قىلىنغان 2020 - يىلى 1 – ئايغا سېلىشتۇرغاندا مىقدار جەھەتتە %87، قىممەت جەھەتتە %73 ئاشقان.