تۈركىيە خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ياۋروپا بويىچە 1- ۋە دۇنيا بويىچە 7- بولدى
تۈركىيە يۇقۇم مەزگىلىگە قارىماستىن، خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى %6 يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 35 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتكۈزدى.
1575843
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۇ سانغا ئاساسەن ياۋروپا بويىچە 1- چوڭ خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە دۇنيا بويىچە 7-چوڭ خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى.
تۈركىيە پولات-تۆمۈر شىركىتى(TÇÜD) تىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 2019 يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %4.1 چېكىنگەن خام پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى 3-پەسىلدە %16.2 يۇقىرى ئۆرلىگەن.
پۈتۈن بىر يىلدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %6 ئېشىپ، 35 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتكەن.
خام پولات ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ دىكابىر ئېيىدا، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %17.7 ئېشىپ، 3 مىليون 400 مىڭ توننىغا يەتكەن.