جزارنېكى: تۈركىيە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى - تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى رىسزارد جزارنېكى تۈركىيەنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1442358
جزارنېكى: تۈركىيە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىسزارد جزارنېكى ئانادولۇ ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، 2020  - يىلدىكى گىئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى مەنپەئەتى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىدە ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىشى لازىم» دېدى.

جزارنېكى كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقى كېلىشىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ۋىزا ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقىنى ئىما قىلىپ، «ئىنسانىيەت كوۋىد -19 يۇقۇمىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغاندا، نۇرغۇن ئىشلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدۇ» دېدى ھەمدە ھۆكۈمەتلەر، ئورگانلار ۋە پۇقرالارنىڭ بولۇپمۇ ساغلاملىق ۋە سودا مەسىلىسى قاتارلىق ئوخشىمىغان خۇسۇسلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جزارنېكى ئىقتىسادىي ساھەدە بولسا، تۈركىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك سودا شېرىكى بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە تېخىمۇ چىدامچان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ياۋروپا تەرەققىيات فوندىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جزارنېكى، «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرىشى كېرەك» دېدى.

جزارنېكى، تۈركىيەنىڭ گىئوئىستېراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۇ جۇغراپىيىلىك يېقىنلىق شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا تېخىمۇ تېز مال يەتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى پەيدا قىلغان» دېدى.

جزارنېكى ياۋروپالىق ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە بۇرۇلۇپ، تۆۋەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدىن نەپكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىقتىسادىي ساھەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، دۆلەتنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمىدىن كېيىن ئىقتىساد دۇنياسىدا تېخىمۇ چوڭ رول ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەككە بازىرىغا يېقىنلىقى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئەمگەك كۈچى ۋە تۈركىيەدىكى كۈچلۈك كارخانىلار تۈكىيەنى زور ئەۋزەللىكلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر