دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئېگزمبانكنىڭ كىرېدىت كاپالىتىنى تەستىقلىدى

دۇنيا بانكىسى ئىجرائىيە ئىشلىرى ئورگىنى، تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېكسپورت مالىيەسى كاپالىتى تۈرى ئۈچۈن «تۈرك ئېگزىمبانك» قا بېرىلىدىغان 250 مىليون ياۋرو قىممىتىدىكى قىسمىي كىرېدىت كاپالىتىنى تەستىقلىدى.

1436384
دۇنيا بانكىسى تۈركىيە ئېگزمبانكنىڭ كىرېدىت كاپالىتىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى بايانات بېرىپ، تۈرنىڭ، 250 دىن ئاز خىزمەتچىسى بولغان ئېكسپورت مەركەزلىك كىچىك ۋە ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى كارخانىلار بىلەن 250 بىلەن 1500 ئارىسىدا خىزمەتچىسى بولغان ئوتتۇرا – چوڭ ھەجىملىك كارخانىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك مالىيەگە ئېرىشىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر