دۇنيا بانكىسى 2020 - يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىغا دائىر مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

دۇنيا بانكىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل % 5.2 چېكىنىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1432206
دۇنيا بانكىسى 2020 - يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىغا دائىر مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى، دۇنيا ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مۆلچەرلەر دوكلاتىنىڭ 2020 – يىلى 6 - ئايلىق سانىنى ئېلان قىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) پەيدا قىلغان تېز ۋە كۈچلۈك داۋالغۇش بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشكە يۈزلەندۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل % 5.2 چېكىنىدىغانلىقىغا دائىر تەخمىنلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دوكلاتتا، بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تۇرغۇنلۇقنى پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

دۇنيا بانكىسى، يانۋار ئېيىدىكى مۆلچەرىدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل % 2.5 ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بانكىنىڭ دوكلاتىدا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 2021 – يىللىق گۈللىنىش مۆلچەرى ئالدىنقى % 2.6 دىن % 4.2 گە چىقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر