ئىراق ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئالىدىغان بولدى

ئىراق مالىيە مىنىستىرى ئەلى ئاللاۋى دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1431675
ئىراق ئىقتىسادىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مالىيە مىنىستىرى ئەلى ئاللاۋى پايتەخت باغداتتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى سەۋەبىدىن دۆلەت دۇچار بولغان ئىقتىسادىي كرىزىس ئۈستىدە توختالدى.

ئاللاۋى دۆلەت دۇچار بولغان ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبىدىن مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۆتەشتىمۇ كېچىكىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن  تاشقى قەرز ئېلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئېلىشقا تىرىشىمىز» دېدى.

ئاللاۋى 2020 - يىللىق خامچوتنىڭ پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشىنىڭ قېيىنلىقىنى تەكىتلەپ، 2021 - يىللىق خامچوتنى ئىشلەشكە باشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەلى ئاللاۋى مەمۇرلارنىڭ مائاشىنى ئۈزۈلدۈرمەي تۆلەش ئۈچۈن مەملىكىتتىكى بىر قىسىم يەرلىك بانكىلاردىنمۇ قەرز ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر