دۇنيا بانكىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان 100 دۆلەتكە جىددىي ئەھۋال ياردىمى بەردى

دۇنيا بانكىسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان 100 دۆلەتكە جىددىي ئەھۋال ياردىمى بەردى.

1420217
دۇنيا بانكىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان 100 دۆلەتكە جىددىي ئەھۋال ياردىمى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى بايانات بېرىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەمچى بولۇش ۋە سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مارت ئېيىدىن بۇيان رېكورت دەرىجىدە ياردەمچى بولۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېببىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرلىرىگە قارشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن، 15 ئاي ئىچىدە 160 مىليارد دوللار قىممىتىدە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى ۋەدە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى جىددىي ئەھۋال قەدەملىرىنىڭ دۇنيا نوپۇسىنىڭ %70 ىگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تەرەققىي قىلىۋاتقان 100 دۆلەتكە يېتىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا قاراشلىرىغا ئورۇن بېىرلگەن دۇنيا بانكىسى باشلىقى دېيۋىد مالپاس، «يۇقۇم ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ توختاپ كېتىشى 60 مىليون ئىنساننى ئېغىر نامراتلىققا ئىتتىرىشى مۇمكىن ۋە نامراتلىقنى توختىتىش يولىدا ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تېز ۋە ئىلاستىكىلىق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر