ۋىرۇس تۈرك كولونياسىنىڭ بازىرىنى زورايتتى

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرك كولونياسىغا بولغان تەلەپ ئاشماقتا.

1380689
ۋىرۇس تۈرك كولونياسىنىڭ بازىرىنى زورايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان مۆرفېلدېن-ۋولدورفتا ئۆزىنىڭ كىچىك زاۋۇتىدا گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىپ ساتىدىغان شىركەتنىڭ خوجايىنى بۈلەنت ئەمەكچى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

بۈلەنت ئەمەكچى ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن بۇيان كولونياغا بولغان تەلەپتە پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كولونيا ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە قاچىلاشقا يېتىشەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ گېرمانىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن كولونياغا بولغان تەلەپنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كولونيا خام ماددىسىنى تۈركىيەدىن كەلتۈرىمىز. گېرمانىيەدە پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن شىشىلەرگە قاچىلاپ ساتىمىز. يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كولونيا تەلىپىگە يېتىشىشتە قىينىلىۋاتىمىز. كۈندە ئىككى ئىسمىنا ئىشلەپ 12 مىڭ شىشە كولونيا ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر