تۈرك ئېقىمىدىن تەبىئىي گاز ئېقىتىلدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم (Gazprom) تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا يولىدىن 1 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ ئېقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1348883
تۈرك ئېقىمىدىن تەبىئىي گاز ئېقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازپروم شىركىتى تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا يولىدىن تەبىئىي گاز ئېقىتىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا يولىدىن دەسلەپتە 1 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گازنىڭ %54 نىڭ تۈركىيەگە، %46 نىڭ بۇلغارىيە-تۈركىيە چېگراسىغا ئېقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە گازىنى تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا يولىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى 2020-يىلى 8-يانۋار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر