تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ھەيئىتى سۇداندا

سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ھەيئىتى بىلەن خارتۇمدا بىر يەرگە جەم بولدى.

981458
تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ھەيئىتى سۇداندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SUNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت خارتۇمدىكى ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيە ھەيئىتى سۇداندىكى زىيارىتى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ھەققىدە پىرېزىدېنت ئەلەشىرگە مەلۇمات بەرگەن، ھەمدە بۇ زىيارەتلەرنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا سۇدانغا قىلغان زىيارىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە مەبلەغ سالغۇچىلار ھەيئىتى سۇداننى تەبىئىي گاز، يېقىلغۇ ۋە بۇغداي بىلەن تەمىنلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىللىك سېلىنما ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئورنىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى پىرېزىدېنت ئەلبەشىرغا يەتكۈزگەن.

بۇ ئارقىلىق سۇداننىڭ ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قامدىيالايدىغان، ئېشىپ قالغانلىرىنى قوشنا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەيئەت، بۇنىڭ ئۈچۈن سۇدان پورتىدا بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، تەبىئىي گاز ئىسكىلاتى ۋە بۇغداي  ئامبىرى تەسىس قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇدان پورتىدىكى ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شەھەردە قۇرۇلغۇسى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئارقىلىق دۆلەت شەرقىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجلىرىنى بىۋاسىتە قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر