ئەرەب پائالىيەتچىلەر تۈركىيەنى قوللاپ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىدى

ئەرەب پائالىيەتچىلەر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىلىرىدە تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى قوللاپ سەپەرۋەرلىك ھەركىتىنى باشلىدى.

980564
ئەرەب پائالىيەتچىلەر تۈركىيەنى قوللاپ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب پائالىيەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ئائىت فوتو سۈرەتلەردىن تەشكىل تاپقان «يازلىق ساياھەت مەنزىلگاھىمىز تۈركىيە» ناملىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەرەب خەلقىگە يازلىق ساياھەتنى تۈركىيەگە قىلىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

كۇۋەيتلىك ئابدۇلھامىد ئەلبىلالى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، پارىس قولتۇقى ئەللىرىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يازلىق ساياھەت مەنزىلگاھىنى ياۋروپانىڭ ئورنىغا تۈركىيە قىلىپ تاللىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ، مۇسۇلمان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە ئىبادەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۇرالغۇ، يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ناھايىتى ئەرزان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇمماندىن يۈسۈف ئەلخارىسى، تۈركىيەنىڭ ئۆزى زىيارەت قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا مول ئەڭ گۈزەل مەملىكەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كۇۋەيتلىق ئابدۇلئەزىز ئەلفازلى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان چېغىمدا، ئۆزۈمنى خۇددى ياۋروپادىكى بىر دۆلەتتىكىدەكلا ھېس قىلدىم، ئەزان ئاۋازلىرى مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى، مىسلىسىز گۈزەللىكى مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلدى.»

تۈركىيەدە ئۇدا ئون قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن قاتارلىق شەيخە بىنتى ئەلى، تەبىئىي گۈزەللىكلەر، ھەيران قالارلىق تەبىئىي باغچىلار، تارىخىي يادىكارالىقلار، كۆز قاماشتۇرىدىغان بازارلار، خاتىرە سارايلار قاتارلىق ساياھەت ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيەدە بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر