ب د ت: تۈركىيە ساياھەت جەھەتتىن  ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تالىب رىفائىي تۈركىيەنىڭ ساياھەت جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئېيى ئىچىدە % 30  تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

871981
ب د ت: تۈركىيە ساياھەت جەھەتتىن  ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىفائىي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغاندا، ساياھەت ساھەسىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بىر ساھە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ساياھەت ساھەسى ھەم تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاسانلا تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ھەم قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان بىر ساھەدۇر. ساياھەت ئۆتمۈشى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىغان ۋە قۇرۇلمىسى ساغلام بىر دۆلەتنىڭ ساياھەت ساھەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەم تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ھەم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالايدۇ. مەسىلەن، بۇنىڭغا تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسى ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ. تۈركىيە ھەم يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە ساياھەت جەھەتتىن ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ھەم ساياھەت قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ساغلام دۆلەتلەردىن بىرى. تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن (2016 – يىلقى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئوخشىغان) بەزى ۋەقەلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ، قايتىدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلى بۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى پۈتكۈل جاھاننى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى.»

دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ بۇ يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا % 30 تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رىفائىي: «بۇ تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ 3 يىل بۇرۇنقى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن رىفائىي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەنىڭ ساياھەت جەھەتتىن ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل بولۇپ، تۈركىيەدىكى ساياھەت ساھەسىنى باشقۇرۇۋاتقان دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بىلەن شۇنداق قىلىۋاتىمىز. مۆلچەرلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە كېلەر يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ساياھەت  جەھەتتىن 2014 – يىلقى سەۋىيەگە يېتىدۇ.»

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە مىنىستىرلىقنىڭ 2018 – يىللىق خامچوتى ھەققىدە توختالغاندا: «ئۆكتەبىر ئېيى ئېتىبارى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 29.1 مىليونغا يەتتى. بىزنىڭ 2023 – يىللىق نىشانىمىز، ساياھەتچىلەر سانىنى 50 مىليونغا، كىرىمنى مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر