تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئاراكانغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئىككىنچى قەدەمدە ئاراكانغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىپ بېرىشكە باشلىدى.

840564
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئاراكانغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئىككىنچى قەدەمدە ئاراكانغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا تارقىتىپ بېرىش خىزمىتى 1 – نويابىردىن ئېتىبارەن باشلانغان بولۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېلىق، پۇرچاق، ياغ، شېكەر، پاراشوك، ھەسەل، پېچىنە قاتارلىق 11 تۈرلۈك بۇيۇمدىن تەشكىل تاپىدىكەن. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىش ئاراكاننىڭ شىمالىدىكى راتخېداڭ يېزىسىدا داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە يېمەك - ئىچمەك قاچىلانغان 1500 يېشىك 10 مىڭ كىشىگە تارقىتىپ بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر