دۇنيا بويىچە ئەڭ كاتتا باي تۈركىيەگە كېلىدۇ
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ خوجايىنى ماسك تۈركىيەگە كېلىدۇ.
840439
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۈنىمىزدىكى ئەڭ جەسۇر مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيەلىرىدىن ئاپتوموبىل ساھەسىغىچە كېلەچەك بەرپا قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ۋە تۈركسات بىلەن ھاسىل قىلىنغان ھەمكارلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان Global SatShow ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
خەلىج يىغىن زالىدا 9 – 10 – نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق كۆرگەزمىدە، سۈنئىي ھەمراھ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەۋەرلىشىش سىستېمىلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، SpaceX ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى قولايلاشتۇرۇش يولىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ماسكنىڭ كۆرگەزمىدە سۆز قىلىپ قىلمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.