دۇنيا بويىچە ئەڭ باي ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈرك
سابانجى خانىم دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 100 ئايال كارخانىچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
840430
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا داڭلىق ئىش – سودا دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان «‹ Forbes › ژۇرنىلى»: «دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 100 ئايال كارخانىچى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيەدىن سابانجى گۇرۇھى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى گۈلەر سابانجى مەزكۇر تىزىملىكتىن 58 – رەتتىن ئورۇن ئالدى.
ژۇرنال، گۈلەر سابانجىنى: «ئۇ ھەم شىركەتنىڭ تۇنجى خوجايىنى ھەم سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ھەمدە تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ خسۇسىي فوندى جەمئىيەتنىڭ باشلىقى» دەپ تونۇشتۇردى.