ئىراق كەركۈك نېفىتىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشكەن

ئىراق ھۆكۈمىتى كەركۈك نېفىتىنى جەيھان پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

839542
ئىراق كەركۈك نېفىتىنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلەشكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق نېفىت مىنىستىرى جەببار ئەللائىبى كەربالادا يېڭى نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئامبىرىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «ھازىر كەركۈك نېفىت ئىشلاپچىقىرىش رايونىدىن چىقىرىلغان نېفىتنى جەيھان پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز، بىراق ھازىرچە بۇ ھەقتە كېلىشىم تۈزۈلمىدى» دېدى.

ئۇ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئامبىرىدا سىغىمچانلىقى 64 مىليون لىتىر بولغان 13 باكنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئامبارنىڭ كەركۈكتىكى نېفىت مەسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ساقلاش مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاي دۆلەتنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا كۆرۈلگەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن كۈنىگە تەخمىنەن 200 مىڭ ۋارىل نېفىت چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراق قىسىملىرى ئۆتكەندىن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ 2014-يىلدىن بۇيان تالاش-تارتىش ئاستىدىكى رايونلارغا ئورۇنلاشقان پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كەركۈك نېفىت رايونلىرىنى قايتۇرۇۋالغان ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقدېڭىزدىن جەيھان پورتىغا سوزۇلغان تۇرۇبا لىنيەسى ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭغۇزۇۋاتقان 250 مىڭ ۋارىلدىن 300 مىڭ ۋارىلغىچە بولغان كەركۈك نېفىتى بۇ يەردىن خەلقئارا بازارلارغا كىرىۋاتاتتى.

كەركۈكتىكى نېفىت زاپىسى جەمئىي 13 مىليارد ۋارىل بولۇپ، ئىراق نېفىت زاپىسىنىڭ %12 نى ئىگىلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر