تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تەرەپلىرى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تەرەپلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

838573
تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تەرەپلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار تەرەپلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...

ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيە ئورگىنى – برۇئېگېل (Bruegel)، «ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسى» دېگەن نامدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ تېما تۈرلىرى ۋە مەزمۇنى، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە يېڭى شەكىللەرنى بېغىشلايدىغان مۇھىم ھەمكارلىقلارنىڭ يولىغا ماياك بولغۇچى بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە ئوتتۇرا شەرق ۋە ھازار رايونى ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەسلىدىنلا رايونىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەت. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تەلەپ بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان ياۋروپاغا يېقىن بولۇشىمۇ تۈركىيەنى كۈنسېرى تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرماقتا. يېقىنقى يىللاردا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پىلانلىرىنىڭ بۇ يەردىكى پېيى ناھايىتى زور. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار ياۋروپاغا بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەگە ئوخشاش مۇقىم تەرەققىيات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشەنچلىك بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شەرق – غەرب قوش يۆنىلىشلىك گاز يەتكۈزۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشلىرى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارىنى مۇئەييەن مىقداردا ئاشۇرىدۇ. دوكلاتتا، مەزكۇر ئېشىش توغرىسىدا تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە يەتكۈزۈلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي تەبىئىي گاز تەلىپىنىڭ %0.15 ىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى. دوكلاتتا يەنە، تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگىنىدە بولسا، بۇ نىسبەتنىڭ %2.48 گە چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيەنىڭ رايوندا تەبىئىي گازنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان دۆلەت بولۇش بىلەن بىرگە، سىغىمچانلىقنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.

دوكلاتتىكى دىققەتنى تارتىدىغان يەنە بىر تېما، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيەدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ساھەسىدە ئورناتقان ھەمكارلىقىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە ئېلېكتىر ساھەلىرىدىكىگە ئوخشاش تەرەققىي قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار بولدى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ئورنىتىلىدىغان يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بولۇشى ئۈچۈن، ھازىرقى ئەھۋالدا ھېچقانداق سەۋەب يوق. ئەكسىچە، دوكلاتتىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، تۈركىيەدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىگە ياۋروپا سېلىنما بانكىسى، ياۋروپا كومىتېتى ۋە ياۋروپا قۇرۇلۇش – تەرەققىيات بانكىسىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى ناھايىتى كەڭدەك قىلىدۇ.

سۇ كۈچى، گېئوتېرمال، شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىمكانىيەتلىرى جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە بولغان تۈركىيە بولسا، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى دائىرىسىدە بېكىتىپ چىققان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبە ساھەسى ئىستراتېگىيەسى بىلەن دۇنيادا بۇ ساھەدە تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك بىرىنى روياپقا چىقىرىشقا تەييارلانماقتا. ناھايىتى يۇقىرى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىش ئىرادىسى قەتئىي بولۇۋاتقان تۈركىيەدە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبە ساھەسى سىياسىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مارت ئېيىدا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلغان تۇنجى ھۆددىگە بېرىش يىغىنىنى چاقىردى، ئاۋغۇست ئېيىدا بولسا، شامال ئېنېرگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بەردى.

تۈركىيەدىكى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرىدىغان بۇ ئىككى قۇرۇلۇش ھەم يەرلىك ھەم چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ياۋروپالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدىكى كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئىستىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى شامال ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان گېرمان شېرىكچىلىكىدىكى شىركەتتىن كۆرۈۋالالايمىز. بۇ مەنىدە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبە ساھەسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنى قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ئالاقە ئورنىتالايدىغان ئورتاق زېمىنغا ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

دوكلاتتا ئورۇن بېرىلگەن يەنە بىر نۇقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە يادرو ئېنېرگىيەسى جەھەتتە ھەسسە قوشۇش ئېھتىماللىقىدۇر. تۈركىيە ئالدىمىزدىكى يىلى قۇرۇلۇشى باشلىنىدىغان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ۋە سىنوپتا قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ جەھەتتە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىماقتا. دېمەك، نۆۋەتتىكى پىلان ۋە قۇرۇلۇشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى ئېنېرگىيە دىيالوگىنى يېڭى ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىش بويىچە كېڭەيتىش ۋە بېيىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، نۆۋەتتىكى ئورنى بىلەن رايوننىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە تەلەپ بازارلىرىنىڭ بىرى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەم ھەم ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرىدۇ ھەم تۈركىيەنى ئېنېرگىيەدە مەركەز دۆلەت بولۇش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر