«تۈركىيە بارلىق خىرىسلارغا قارىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بارلىق خىرىسلارغا قارىماي ئۇلۇغۋار نىشانىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

838700
«تۈركىيە بارلىق خىرىسلارغا قارىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مىللىي مەدەنىيەت ۋە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك ساياھەت كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مول ئەۋزەللىكلەر ۋە ئارتۇقچىلارغا ئىگە قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز مېھمان بولۇپ كەلگەن ھەرقانداق بىر كىشىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بىر مىللەت ئەمەسمىز. دۆلىتىمىزگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇلار بازاردىن ئالغان نەپىس بۇيۇملاردىنمۇ بەكرەك تۈرك خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلەرنى تونۇشتۇردۇق ۋە تونۇشتۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز.»

تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۈرلۈك قارىلاش سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ھۇجۇملارغا دۇچ كەلمەكتە، تۈرلۈك قارىلاش سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە. لېكىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلىتىمىزگە قارىتا ئىنشەچىسى كامىل بولغاچقا، كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي شۇم نىيەتلىك باھالىرىغا ھېچكىم نەزەر قىرىنى سېلىپمۇ قويمايۋاتىدۇ. مەسلەن، تۈركىيەگە كەلگەن رۇس ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 3.5 مىليونغا يېقىنلاشتى، بۇمۇ ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۆلىتىمىزگە ئىشىنىدىغانلىقى ھەم تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلار بىزگە قارشى قارىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، ئەمما  بىز بارلىق خىرىسلار ۋە قارىلاش ھەرىكەتلىرىگە قارىماي ئۇلۇغۋار نىشانىمىزنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، پۈتكۈل جاھانغا ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر