تۈركىيە 24 ياۋروپا دۆلىتىگە تەڭ

تۈركىيە ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا 24 ياۋروپا دۆلىتىگە تەڭ.

833467
تۈركىيە 24 ياۋروپا دۆلىتىگە تەڭ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنڭ 5 يىلدا 2 مىليون 384 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن Eurostat  ئورگىنىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2012 – يىلى 24 مىليون 821 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان تۈركىيەدە بۇ رەقەم 2016 – يىلى 27 مىليون 205 كىشىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، 5 يىل ئىچىدە قوشۇمچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىپ يارىتىپ بېرىلگەن ۋە بۇ دائىرىدە 2 مىليون 384 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشقان.

تۈركىيەدىن قالسا ئەڭ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن دۆلەت 2 مىليون 31 مىڭ كىشى بىلەن ئەنگلىيە بولغان. رومنېيە، گىرېتسىيە، فىللاندىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى تارايغان دۆلەتلەر سۈپىتىدە دىققەت قوزغىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر