ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا دائىرىلىرى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارنامىسى ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلاغا قوشۇمچە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

797052
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلاغا قوشۇمچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قوشۇمچە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى قارارنامىسىنى ماقۇللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان باياناتتا، «ۋېنېزۇئېلانىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمالمايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى «دېموكراتىيە» گە قايتىشقا چاقىرىلدى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئېمبارگوسى، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سودىنى ۋە دۆلەتكە تەۋە نېفىت شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جورج ئاررېئازا ئامېرىكىنىڭ قوشۇمچە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئۈچۈن بىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تىنچلىقپەرۋەر بىر دۆلەت بولغان ۋېنېزۇئېلاغا ھەربىي كۈچ بىلەن تەھدىت سالماقتا. ئامېرىكا دۆلىتىمىزدە ئىنسانىي كىرىزىس پەيدا قىلىشنى، ۋېنېزۇئېلا خەلقىنى ئاچلىققا مەھكۇم قىلىشنى كۆزلەۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر