تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ
تۈركىيە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
741513
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكىنىڭ باشلىقى شەمسى بايراقتار، دۇنيا ھەسەل ھەرىسى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەسەل ھەرىسى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈركىيەدە ناھايىتى مۇھىم ساھەگە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە جەمئىي 84 مىڭدىن ئارتۇق شىركەت 7.9 مىليوندىن ئارتۇق ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا 105 مىڭ 727 توننا ھەسەل ئىشلەپچىقارماقتا.»
ئۇنىڭ ئېيىتىشىچە، 1.5 مىليون توننىدىن ئارتۇق ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ % 30.6 تىنى خىتاي، % 6.85 تىنى تۈركىيە، % 5.35 تىنى ئامېرىكا، % 5.03 تىنى ئىران، % 4.96 تىنى رۇسىيە ئىشلەپچىقىرىدىكەن.