ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ئىقتىسادىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيە ئىقتىسادىدا ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

710236
ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ئىقتىسادىدا كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ئىقتىسادىدا كۆرىنەرلىك جانلىنىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زەيبەكچى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۈركىيەگە كىرىۋاتقان چەت ئەل سېلىنمىلىرىدا يېقىنقى ئايلاردا كۆرىنەرلىك جانلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «16-ئاپرېلدىكى ئاساسىي قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك رېفېراندۇمدىن كېيىن،تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە شاھىت بولىمىز.»

ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازايتىشنىڭ ئىقتىسادقا ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان زەيبەكچى، مايدا پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ چۈشۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، يىل ئاخىرىغىچە پۇل پاخاللىق نىسبىتىنىڭ %8.5كە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇل پاخاللىق ھادىسىسىگە تاشقى پىروۋۇتلارنىڭ ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان زەيبەكچى، تاشقى پىروۋۇتلارنىڭ پۇل پاخاللىق ھادىسىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنىڭ ماي ئېيغىچە داۋاملىشىش ئېھتىمالىىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن تۈركىيە دۈشمەنلىكى توغرىسىدىمۇ توختالغان زەيبەكچى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدىكى Der Spiegel ژۇرنىلى ۋە بىلد گېزىتىدىكى ماقالىلەر بىلەن ياۋروپادا تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا ئىرقچىلىق قىلغانلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغانلىقى، بۇنى دىپلوماتىك ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئاداققىچە سۈرەشتە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر