«تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى رېكورت ياراتماقتا»

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى شىركەتنىڭ رېكورت يارىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

708265
«تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى رېكورت ياراتماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەكشى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «جۈمە كۈنى 200 مىڭ 61 يولۇچى شىركىتىمىزنىڭ ئايروپىلانلىرىدا ئۇچۇشنى تاللىدى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ساھەدە رېكورت يارىتىلغان بولدى، يولۇچىلىرىمىزغا ئاق يول تىلەيمىز» دېدى.

ئەكشى 31 – مارت كۈنىمۇ 187 مىڭ 470 يولۇچىنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرىدا ساياھەت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر