تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك يىرىكچىلىك توغرىسىدا

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك يىرىكچىلىك» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

707283
تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك يىرىكچىلىك توغرىسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەدىن كېيىن گوللاندىيەمۇ دىپلوماتىك قائىدە – پىرىنسىپلارغا زىت شەكىلدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى مىنىستىرىنىڭ گوللاندىيەگە كىرىشىدە مەسىلە پەيدا قىلدى. گېرمانىيەدىن كېيىن  تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن كىرىزىسنىڭ تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى بار. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە تېخىمۇ يېقىندىن نەزەر تاشلاش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك يىرىكچىلىك» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

* * * * *

دەسلەپتە گېرمانىيە، ئارقىدىن گوللاندىيە دىپلوماتىك بەلگىلىمىلەر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىرىنسىپلىرىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى مىنىستىرىنىڭ گوللاندىيەگە كىرىشىدە مەسىلىدە تۇغدۇردى. گوللاندىيەگە دىپلوماتىك پاسپورت بىلەن كىرگەن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى دىپلوماتىيە تارىخىدىكى بىر ئەسىرلىك ئەنئەنىنىڭ بۇزۇلۇشى دېگەنلىك بولىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ گوللاندىيەگە قونۇشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى، ئارقىدىن ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانىڭ گوللاندىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى دىپلوماتىك ئەنئەنىگە ماس كېلىدىغان ئىشلار ئەمەس. تېخىمۇ روشەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ناھايىتى ئېغىر بىر خەلقئارا قانۇن سەتچىلىكىدىن ئىبارەت.

نۆۋەتتە بۇ ھادىسىلەرگە تۈرك مىنىستىرلارنىڭ تۈركلەرگە خىتاب قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى دەپلا قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر قاتار سەۋەبلەر بار. مەزكۇر دۆلەتلەردە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان سايلام مۇھىتى ئىچىدە تۈرك ۋەھىمىسىنىڭ ئۇلغىيىشى، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى مۇساپىسىدە تۈركىيەنى ئاجىزلىتىشنى نىشان قىلىش قاتارلىقلار ئايرىم سەۋەبلەر ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر خىل نارازىلىق بار. ياۋروپا دۆلەتلىرى، تۈركىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇستەقىل سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش تىرىشچانلىقىنى ئەنسىرەش ئىچىدە كۆزەتمەكتە. ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئەنسىزلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە 65 يىلدىن بۇيان بىر ناتو ئەزاسى سۈپىتىدە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى ۋە 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشقا تىرىشماقتا. بىراق، ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە كۈچلۈك بىر تۈركىيەنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. بۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق بىر ئەھۋال، ھالبۇكى، كۈچلۈك بىر تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسا،  ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىنساننىڭ ئەقلىگە «يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان، ئەمما پەقەتلا ئاخىرلىشىپ بولالمىغان سۆھبەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنى كولدۇرلىتىش تاكتىكىسىمۇ؟» دېگەن سوئال كېلىدۇ ۋە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى «شۇنداق» بولىدىغانلىقىدەك قىلىدۇ.

يېقىنقى ئىككى ۋەقەدە، گېرمانىيە بولۇپمۇ گوللاندىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ئىتتىپاقداش ئەمەس، گويا بىر دۈشمەن دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەسلىتىدۇ. 500 يىللىق دوستلۇق ئۆتمۈشى بار گوللاندىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەت بىلەن بۇ نۇقتىغىچە كېلىپ قېلىش ھەقىقەتەنمۇ بىر بىتەلەيلىكتۇر.

ئەسلىدە تۈركىيە بىلەن گوللاندىيە ئارىسىدا ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقان ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بار. 2016 – يىلى تۈركىيەنىڭ گوللاندىيەگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 3 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى. يەنە، 2016 – يىللىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گوللاندىيە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت بازارلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئون دۆلەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. گوللاندىيەنىڭ ئېكسپورتىدا بولسا، تۈركىيەنىڭ پېيى 2016 – يىلى 3 مىليارد دوللار بولدى. ساياھەتچىلىك ساھەسىدە بولسا، 2016 – يىلى گوللاندىيەدىن تۈركىيەگە 718 مىڭ ساياھەتچى كەلدى، تۈركىيەدىن گوللاندىيەگە 88 مىڭ ساياھەتچى باردى. 2016 – يىللىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، گوللاندىيە تۈركىيەنىڭ مىللەتلەر بويىچە ساياھەتچىلەر تىزىملىكىدە 7 – قاتاردىن ئورۇن ئالدى. بىۋاسىتە چەت ئەل سېلىنمىلىرى تۈرى نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  2016 – يىلى گوللاندىيەدىن كەلگەن سېلىنمىلار تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي چەت ئەل سېلىنما مىقدارىنىڭ %15.8 نى تەشكىل قىلىپ، ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالدى. تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىۋاسىتە سېلىنمىلىرىغا قارايدىغان بولساق، گوللاندىيە يەنىلا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بازار بولۇپ چىقىدۇ. 2015 – يىلى 11 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن سېلىنمىلار، تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي چەت ئەل سېلىنمىلىرىنىڭ %27 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. گوللاندىيە تاشقى سودىدا تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. سېلىنما ۋە شىركەت سانىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ،  گوللاندىيە تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شېرىكلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گوللاندىيەدىكى تۈركىيە سېلىنمىلىرى ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان / ئىشلەيدىغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپلۈكى سايىسىدىمۇ ئۆزئارا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىمەكتە. سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، ئىقتىساد دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆز يولىدا ئىلگىرىلىشى ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ياۋروپا ئىتتىپاقى قىممەت – قاراشلىرىنى ياقلىغۇچى مەركىزىي نۇقتىدىكى سىياسەتچىلەر تۈرك – ئىسلام دۈشمىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى پارتىيەلەرنىڭ يۈكسىلىشى ئالدىدا ئامالسىز قالماقتا. گېرمانىيە بىلەن گوللاندىيەدە ئۇلارنىڭمۇ تۈرك – ئىسلام دۈشمىنى پارتىيەلەرنىڭ پىكىرلىرىگە شېرىك بولۇشنى چىقىش يولى، دەپ قارىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. بۇ پوزىتسىيە ۋە ۋەقەلەر تۈركىيە بىلەن ياۋروپانى بىر – بىرىدىن يەنىمۇ يىراقلاشتۇرماقتا. بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە مەيلى خەلق مەيلى رەھبىرىي كادىرلار بولسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش نىشانىغا بۇرۇنقىدەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ.

گوللاندىيە ۋە ياۋروپادىكى ئاقىل سىياسەتچىلەر، ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى تۈرك – ئىسلام دۈشمىنى پارتىيەنىڭ مونوپوللۇقىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە يېتىدىغان زىيان بارغانچە ئېغىرلىشىدۇ. بۇزۇلۇپ بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخىمۇ  قىيىنلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر