ئىقتىساد مىنىستىرى زەيبەكچى: تۈركىيە ئىقتىسادى كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىدىن ياخشى

ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

706972
ئىقتىساد مىنىستىرى زەيبەكچى: تۈركىيە ئىقتىسادى كۆپلىگەن ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىدىن ياخشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىھات زەيبەكچى دەنىزلىدە سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى؛ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ دۇنيادا يېقىنقى 14 يىلدا ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىچە %5.7 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى، «بۇ ئېشىش ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن خېلىلا ئۈستۈن ھالەتنى نامايان قىلدۇق. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2016 – يىلىدىكى %2.9 ئېشىشى ياۋروپادىكى ئېشىش نىسبىتىنى ئېلان قىلغان ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق دۆلەتلەردىن يۇقىرى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلىدا ئېكسپورت سەپەرۋەرلىكىنىڭ مېۋىسىنى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن نىھات زەيبەكچى، «142 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتىمىزنىڭ 153 مىلياردقا يېتىش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر