ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئىقتسىادىي ساھەلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۆسۈم قارارىنى ئېلان قىلدى.
603128
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، تەخمىن قىلىنغىنىغا ئوخشاشلا 0.25 بىلەن 0.50 ئارىسىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىگە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي ئۆز پېتى قالدۇرۇپ قويدى.
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى، 10 – ئايلىق فېدېراتسىيە ئوچۇق بازار يىغىنى جەريانىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇپ، 2 گە قارشى 8 ئاۋاز بىلەن ئۆسۈم سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى بۇ قارارى ئارقىلىق ئامېرىكىدا 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ھېچبىر قەدەم تاشلىماسلىق يولىنى تاللىدى.
ئىقتىسادسۇناشلارمۇ بۇ ھەپتە ئۆسۈم ئۆستۈرۈلۈشىنى كۈتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.