خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: پۈتكۈل سىياسەت ۋاسىتىلىرى سەپەرۋەر قىلىنىدۇ

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ئەزالىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇۋازىنەتلىك گۈللىنىشى ئۈچۈن پۈتكۈل سىياسەت ۋاسىتىلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

585658
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى: پۈتكۈل سىياسەت ۋاسىتىلىرى سەپەرۋەر قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى – دۇنيا بانكىسى يىللىق يىغىنلىرى دائىرىسىدە چاقىرىلغان 34- نۆۋەتلىك خەلقئارا پۇل ۋە مالىيە كومىتېتى يىغىنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە چاقىرىلدى؛ يىغىندا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى تېمىسى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئاستا ۋە مۇۋازىنەتسىز ئېشىشنىڭ بۇ يىلمۇ داۋاملاشقانلىقى، لېكىن، مالىيە بازارلىرىدىكى خەۋپلەرنىڭ ئازايغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تەرەققىي تاپقان بەزى ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلى بىر ئاز ئېشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى. ئەمما، سودا ھەجىمى ۋە سېلىنمىلار بىلەن بىرلىكتە ئېشىپ بېرىۋاتقان گېئوپولىتىكىلىك خەۋپلەرنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يېقىنقى مەزگىللەردە يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىش سىياسەتلىرىنىڭمۇ دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىگە خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئەزالىرى كۈچلۈك، سىجىل، سىغىمچان شۇنداقلا مۇۋازىنەتلىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۈتكۈل سىياسەت ۋاسىتىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر