سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە كېلىشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيە ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نېفىت بازىرىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

566197
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسىيە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىدە كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر كېلىشىم رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن G20 يىغىنى ئېچىلغان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئىمزالاندى.

رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندېر نوۋاك ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ۋە ھاسىل قىلىنغان ئىشەنچلىك مۇھىت سايىسىدە دۇنياۋى مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئەزا بولمىغان نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئالجىرىيەدە نېفىت بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك غەيرىي رەسمىي يىغىن چاقىرىدۇ. تەشكىلاتنىڭ رەسمىي يىغىنى نويابىر ئېيىدا ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئېچىلىدۇ.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنيادىكى نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇئەييەن سەۋىيەدە مۇقىم تۇتۇشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، تەشكىلاتنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە ئەمەلىي رەھبىرى سەئۇدى ئەرەبىستان خامچوت مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر