تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتتا رېكورت ياراتتى

61926
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتتا يېڭى رېكورتلارنى ياراتتى؛ مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا ئېكسپورتتا 20% ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن مۇداپىئە سانائىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 2 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.
تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە ئارقا – ئارقىدىن ئۆزگىچە مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. ناھايىتى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىن كېيىن دۇنيا ئارمىيەلىرىنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا بولغان تەلىپى كۈچەيدى. 2008- يىلى 600 مىليون دوللارلىق مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلغان تۈركىيە، ئۆتكەن يىلى بۇ ساننى 1 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكۈزدى. ئوخشاش مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتتىكى ئېشىش نىسبىتى 5.6% بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر