ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا بومبا ھۇجۇمى قىلغان تېررورچى مانا مۇنداق قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچى قولغا ئېلىنغان ھەرىكەتنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئىستانبۇل بەيئوغلۇدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 81 كىشى يارىلانغان تېررورلۇق ھۇجۇمىغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى باشلىغان ساقچىلار، تېررورچىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىستىقلال كوچىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بومبا ئورۇنلاشتۇرغان كىشىنىڭ  نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.