بلىنكېن خىتاينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن خىتاينىڭ يېقىنلىشىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا «تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئارىلىشىش»قا ئۇرۇنغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

2132735
بلىنكېن خىتاينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن، CNN قانىلىنىڭ زىيارەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن خىتاينىڭ سايلامغا ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ: «مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇچۇرنى قايتا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدىم» دېدى.

ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، دىققىتىنى ئورتاق خىزمەت ساھەگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشىماسلىقلار ھەققىدىمۇ ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا بولغانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتىكى رىقابەتنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر بلىنكېن  يەنە، ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ <خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ  مۇداپىئە سانائىتىنى قوللىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ قوللاش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ جازا يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرى>نى يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي سۆھبەتداشلىرىنىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رول ئوينىغانلىقىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بلىنكېن، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ قوللاشنى رۇسىيە بىلەن قىلىنغان سودا دەپ تەسۋىرلىگەنلىكى ۋە موسكۋانىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۇنىڭغا تايانمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاقلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر