جەۋدەت يىلماز: تەرەققىيات يولى لايىھەسى يېڭى بىر نەپەس بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز تەرەققىيات يولى لايىھەسىنىڭ تۈركىيە ۋە پۈتكۈل رايون ئۈچۈن يېڭى بىر نەپەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2133104
جەۋدەت يىلماز: تەرەققىيات يولى لايىھەسى يېڭى بىر نەپەس بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ت ر ت خەۋەر قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا «تەرەققىيات يولى لايىھەسى» ھەققىدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراقتا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ ئىراق بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

ئۇ بىخەتەرلىك، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋە ئېنېرگىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، زىيارەتنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۈنتەرتىپىنىڭ تەرەققىيات يولى لايىھەسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ لايىھەنىڭ تۈركىيە ۋە پۈتكۈل رايون ئۈچۈن يېڭى بىر نەپەس يولى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە بۇ لايىھە ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېدى.

ئۇ تەرەققىيات يولى لايىھەسىنىڭ ھەمكارلىق نۇقتىسىدىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «زىددىيەت، ئۇرۇش - جېدەل، ئېتنىك بۆلۈنۈشلەر، مەزھەپ توقۇنۇشى ... بۇلارنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ھەم بىخەتەرلىك، ھەم ئىقتىساد جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشتۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، رايوندا باشقىچە بىر سەۋىيەگە كېلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر