ئىراقنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2140043
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«مۆلچەرلىگۈسىز، مىسلىسىز، چاقماق تېزلىكىدە ئىزچىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قەھرىمان قىسىملىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ھاقۇرۇق رايونلىرىدا ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچىنى ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلدى. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىمىز رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»